زاھىر بۇرھان شېئىرلىرىدىن : مەن كىم ؟ مەن سۇنغان پىيالە لېۋىدىن تۆكۈلگەن چايمەن ھەم ئاشىقلار ۋىسالى ئۈچۈن ئورۇن بەرگەن كونا جايمەن يېتىملىك دەردىدە ئۆرتەنسىمۇ گەرچە بۇ روھىم دوستلار مەدەتلىرىگە شۇنچىلىك بايمەن كىم مېنى شۆھرەت تاجىنىڭ ئىستىقامەتچىسى دېدى؟ دېمەك ئۇ نادانلىق ئىچرە بىھۇدە غەم يېدى زورۇققان كۆڭۈلدە قاچان سۈزۈك تۇيغۇ بولغان خۇدۈكسىرەش ئىچرە بىھۇدە روھى بۇلغانغان مەن قىيامەت سوراقلىرىدا تەييارلانغان قامچىمەن قەۋمۇمنىڭ كۆزىدىن ئاققان ئاخىرقى تامچىمەن
Your browser doesn't support JavaScript or you have disabled JavaScript.